زەرىف: ئامېرىكا ئېمبارگو خۇمارى بولۇپ قالدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو خۇمارى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

1078225
زەرىف: ئامېرىكا ئېمبارگو خۇمارى بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، CBS تېلېۋىزىيەسىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئېمبارگولارنىڭ پىسخولوگىيەلىك تەسىر يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تەسىرنى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقلىرىنى، بىراق 4 – نويابىردا باشلىنىدىغان ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنى ئۇنچىۋالا ئېغىر تەسىر ياراتمايدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئېمبارگولارنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى بولىدۇ، بىراق سىياسەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئامېرىكا بۇنى بىلىشى لازىم. ئامېرىكا ئېمبارگو خۇمارى، ئېمبارگولار بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، بىراق ھەل قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئېمبارگولارنىڭ خەلققە زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان زەرىف، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن، ئېمبارگولارنىڭ خەلققە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئىراننىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىقلا بولىدىغان بولسا، يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، «پىرېزىدېنت ترامپقا بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ ياخشى كېلىشىم ئىكەنلىكىگە كاپالەت بېرىمەن. بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تۈزۈشم مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر