رۇسىيە ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ياۋروپانىڭ، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بىلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1077992
رۇسىيە ياۋروپانى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي شويگۇ، ئامېرىكا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىغا ئەگىشىپ ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىرە، بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، گىرېتسىيەلىك مەنسەپدېشى پانوس كاممېنوس بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى توغرىسىدا توختالدى؛ ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ياۋروپانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شويگۇ، «ياۋروپانىڭ، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرنى بىلىشى ۋە چۈشىنىنى خالايمەن» دېدى.

ئۇ، ياۋروپاغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو دائىرىسىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى نىشان قىلغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى كېلىشىمى، 1987 – يىلى ۋاشىنگتوندا ئىمزالانغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۈزۈلگەن يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغان ئەڭ مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ بىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دۇنيا مىقياسىدا ئەنسىرەش پەيدا قىلغانىدى.

ترامپ، «بىز كېلىشىمدە قالغان تەرەپ بولدۇق ۋە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلدۇق، بىراق رۇسىيە – ئەپسۇسكى – بۇ كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلمىدى، شۇڭا بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىمىز، كېلىشىمدىن چېكىنىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر