ترامپ سەلماننىڭ قاشىقچى سۇيىقەست بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە توختالدى.

1074570
ترامپ سەلماننىڭ قاشىقچى سۇيىقەست بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «‹ Wall Street Journal › گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە ھېچقانداق مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا ئىشەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بار – يوقلۇقىغا ئالاقىدار سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ھەممىدىن بەكرەك باشقۇرۇۋاتقان شەخس تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماندۇر. دەرۋەقە، بارلىق ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ۋە ئۆزگىرىشلەردىن ئۆز ۋاقتدا تولۇق خەۋەردار بولالايدىغان كىشى سەلماندۇر، شۇڭا بىراۋنىڭ بۇ ۋەقەدە بىلەن چېتىشلىق بولۇشقا تېگىشلىك بولسا، ئەلۋەتتە سەلمان بولاتتى. مەن شاھزادە سەلمان بىلەن ئۇدا بىرقانچە قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن قاشىقچى ۋەقەسىدىن خەۋىرى بار – يوقلۇقىنى سورۇدۇم، ئۇ ماڭا، بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن، بۇ ۋەقەنىڭ قەيەردە باشلانغانلىقىنى سورىسام، ئۇ ماڭا، بۇ ۋەقەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ، <بۇ ۋەقەدىن خەۋىرىم يوق> دېگەن سۆزلىرىنىڭ توغرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرىگە ئىشىنىشنى خالايمەن.»

ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندىمۇ، جامال قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە قانداق قارار چىقىرىش مەسىلىسىنى دۆلەت مەجلىسىگە قالدۇرىمەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئورتاق قوللىشى نەتىجىسىدە قارار چىقىرىلىشىغا تىلەكداشمەن.»

ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش شەكلى توغرۇلۇق توختالغاندا بولسا، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جامال قاشىقچى سۇيىقەستىنى تەكشۈرۈش شەكلى، ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ناچار ۋەقەلىكنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن بىرىدۇر.»

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر