شىنزۇ ئابى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى باسقۇچقا چىقىرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1074799
شىنزۇ ئابى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى مۇشۇ ھەپتە قىلىدىغان زىيارىتىدىن بۇرۇن خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا  پارلامېنتتا سۆز قىلدى. ئۇ ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا-سانائەتچىلەر دۇنياسىدىن تەنتەربىيە ۋە سىياسەتكىچە بولغان بارلىق ساھەلەر بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈمىدىنى تىلغا ئالدى.

باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر