دونالد ترامپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا كۆچمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا ئوتتۇرا ئامېرىكالىق كۆچمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.

1073632
دونالد ترامپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا كۆچمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا ئوتتۇرا ئامېرىكادىن ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردى.

دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يېزىپ، مېكسىكا ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىغا توپلانغان كۆچمەنلەرنى توسۇپ قالالمىغانلىقلىرىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىگە كىرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى يازدى.

كۆچمەنلەرنى «جىنايەتچى ۋە كىملىكى نامەلۇم ئوتتۇرشەرقلىقلەر»دەپ سۈپەتلىگەن دونالد ترامپ، ئامېرىكاغا قانۇنسىز يوللاردىن كىرىۋالغان ياكى كىرمەكچى بولىۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىن، كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىگە قوشۇلماي تۇرۇۋالغان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دونالد ترامپ: گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەر كۆچمەنلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئامېرىكاغا قانۇنسىز يوللاردىن كېلىشىگە توسالغۇ بولالمىدى. بىز نۆۋەتتە بۇ دۆلەتلەرگە مۇقىم بېرىپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى ياردەملەرنى توختىمىز ياكى كۆپ قىسمىنى ئازايتىمىز، دېدى.

ئوتتۇرا ئامېرىكادىن ئامېرىكاغا كېتىش ئۈمىدى بىلەن يولغا چىققان مىڭلارچە كۆچمەن، مېكسىكانىڭ گىۋاتېمالا چېگراسىغا يىغىلدى.

سۇچىئاتې دەرياسىدا مېكسىكا بىلەن گىۋاتېمالانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ۋە چېگرا ئېغىزلىرىغا يىغىلىپ بۇ يەردە تۈنەۋاتقان 3000دىن ئارتۇق كۆچمەننىڭ مېكسىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.

سىم توساقلاردىن ئاتلاپ بىتەرەپ رايونغا ئۆتكەن بەزى كۆچمەنلەرگە مېكسىكا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى مۇداخىلە قىلدى.

ئەسكەرلەر ئۆزلىرىگە تاش ئاتقان كۆچمەنلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

بىر قىسىم ھوندۇراسلىق كۆچمەنلەرمۇ قېيىقلار بىلەن مېكسىكىغا ئۆتۈش ئۈچۈن سۇچىئاتې دەرياسىغا چۈشتى.

مېكسىكا دائىرىلىرى ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارمۇ بولغان كۆچمەنلەردىن قانۇنلۇق كېنىشكىسى بولغانلارنىڭ قانۇنغا مۇۋاپىق ھالدا مېكسىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر