ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى؛ سەلماننىڭ ئىقتىساد كونفېرانسىنى نابۇت قىلماقتا

سەئۇدى ئەربىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تەرىپىدىن رىيادتا چاقىرىلغان خەلقئارالىق كونفېرانسقا نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەت خوجايىنلىرى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى يۈزىسىدىن قاتناشماسلىق قارارى ئالدى.

1069576
ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى؛ سەلماننىڭ ئىقتىساد كونفېرانسىنى نابۇت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ئېنىقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ ۋەجىدىن سەئۇدى ئەربىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ھىمايىسىدە رىيادتا 23ئۆكتەبىردىن 25ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان كونفېرانسقا قاتناشمايدىغانلارنىڭ سانى كۈنسىرى ئاشماقتا.

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن «Chase» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن جامىې دىمون ۋە «Ford» شىرىكىتىنىڭ ئىدارى ئىشلار كېڭىشى باشلىقى بىل فورد بۇ قېتىم نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولۇپ قاتناشماقچى بولغان مەزكۇر كونفېرانستىن چېكىنگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. 

مەركىزى ئىشخانىسى ئامېرىكىغا جايلاشقان «Blackrock» شىركىتىنىڭ خوجايىنى لاررىي فىنك ۋە «Blackstone» شىرىكىتىنىڭ خوجايىنى سىتېفېت سىچىۋارزمانمۇ كونفېرانسقا قېتىلماسلىق قارارى ئالدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە، «Google» نىڭ سابىق باشلىقلىرىدىن كەي فۇلېمۇ كونفېرانسقا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

يۇقىرىقىدەك مۇھىم رەھبەرلەردىن باشقا يەنە كونفېرانسنىڭ ئاخبارات كاپالەتچىلىرىمۇ چېكىنىشكە باشلىدى.

كونفېرانسنىڭ ئاخبارات كاپالەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەركىزىي ئىشخانىسى نىيۇيورتا تۇرۇشلۇق «Bloomberg» مۇ كاپالەتچىلىكتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كونفېرانسنىڭ تۇنجى ئاخبارات كاپالەتچىلىكىدىن چېكىنگەن مېدىيا ئورگىنى نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئامېرىكىنىڭ «CNN»، «CNBC»، «Huffington Post»، «Los Angeles Times» ۋە ئەنگلىيەنىڭ «Financial Times» قاتارلىق مېدىيا ئورگانلىرىمۇ كاپالەتچىلىكتىن چېكىنىپ چىقتى. 

ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مېدىيا ئورگىنىدىن «Fox»، گەرچە كاپالەتچىلىكنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھازىرمۇ كونفېرانسقا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچمىگەنلەر ئارىسىدىكى ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى سىتېۋېن مىنۇچىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «The Economist» ژۇرنىلىنىڭ مۇدىرى زاننىي مىنتون بېددوس، نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى يازغۇچىلىرىدىن ئاندرېۋ روس سوركىن ۋە «Uber» شىركىتىنىڭ خوجايىنى دارا خۇسراۋ شاھىمۇ كونفېرانسقا نۇتۇق سۆزلىغۇچى بولۇپ قاتنىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر