ياۋروپا ئىتتىپاقى جەمال قاشىقجى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەتكۈزدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە ئالاقىدار ئوچۇق – ئاشكارا ۋە كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىغا يەتكۈزدى.

1067685
ياۋروپا ئىتتىپاقى جەمال قاشىقجى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋورپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باياناتچىسى ماجا كوجىجانجىك بىريۇسسېل دائىرىلىرىنىڭ جەمال قاشىقجى ۋەقەسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تەلەپلىرىمىزنى سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىغا بىۋاستە يەتكۈزدۇق» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا مۇغرىنى پورتۇگالىيەدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرىدىن ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق ئاشكارا ۋە كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر