«Interpol»نىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن خىتاي باشلىقىنىڭ ئايالىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol»نىڭ خىتايدا چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىنغان باشلىقى مېڭ خوڭۋېينىڭ ئايالى گىرەك مىڭ، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1066664
«Interpol»نىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن خىتاي باشلىقىنىڭ ئايالىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol»نىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن خىتاي باشلىقىنىڭ ئايالى گىرەك مېڭ «Interpol»نىڭ مەركىزى ئىشخانىسى تۇرۇشلۇق فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە، ئامېرىكا مېدىيا ئورگىنى «CNN» گە بايانات بېرىپ، يولدىشى مىڭنىڭ ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىشىدىن كېيىن، ئىككى كىشىنىڭ داۋاملىق ئۆزىنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر تەھدىت تېلېفونى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گىرەك مېڭ بۇ ۋەجىدىن ئىككى پەرزەنتىدىنمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ بولسا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol»نىڭ سابىق خىتاي باشلىقى مېڭ خوڭ ۋېينىڭ ئايالىنىڭ تەھدىت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىغا دائىر دوكلاتلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

 خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol» تەرىپىدىن 5ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpol»غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مېڭ خوڭۋېينىڭ 29سىنتەبىر كۈنى خىتايغا زىيارەت بېرىش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن ئايرىلغانلىقى ۋە شۇ كۈندىن بېرى ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

7سىنتەبىر كۈنىدە بولسا، مېڭ خوڭۋېينىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكى جاكارلانغان ئىدى. 
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر