ھىندىستاندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە ئۆرلىدى
ھىندىستاندا ئالدىنقى كۈنى بىر پولات زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە چىقتى.
1066630
![ھىندىستاندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە ئۆرلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8c70/c0e9/d565/5b07f896d51c2.jpg?time=1719290058)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەسىلىگە ئالىقدار خەۋەرلىرىدە، چاتتىسگار ئۆلكىسىدىكى دۆلەتكە قاراشلىق بىر پولات زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، يەنە 3 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 12 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پارتلاشتا يارىدار بولغان 11 كىشى باشلنېستتا داۋالانماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن زاۋۇت مۇدىرى بىلەن 2 ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.