ياپونىيە ئەنگلىيەنى ھەمكارلىققا چاقىردى
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ترانس تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر شىنزو ئابې «Financial Times» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياۋرپاغا ئېچىلغان بىر دەرۋازە بولۇش رولىنى يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقىنى، بىراق يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچىنى قوغداپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنزو ئابې ياۋورپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى تۈزۈلمەي قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى سودا كېلىشىملىرىنىڭ تېخىمۇ ئاسانلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى لىئام فوكس قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللايدىغانلار شىنزو ئابېنىڭ سۆزلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.
ئەنگلىيە 2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقنىڭ رايىنى سىناشتا %48 قارشى %52 ئاۋاز بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارى ماقۇللىغان ۋە 2017 – يىلى 29 – مارتتا لىزبون ئەھدىنامىسىنىڭ 50 – ماددىسىنى ئىشقا سىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىغان ئىدى.
2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا باشلانغان مۇزكرىلەردە ھەر قايسى تەرەپلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە بىنائەن چوڭ ئايرىلىش بەدىلى تۆلەش ۋە پۇقرالىق ھەق – ھوقۇقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
مۇزاكىرىلەردىن كېيىن كېلىشىم تۈزۈلگەن ياكى تۈزۈلمىگەنلىكىگە قارىماستىن، ئەنگلىيە 2019 – يىلى 29 - مايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىپ چىققان بولىدۇ.