نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى ترامپنىڭ كۆچمەن بالىلار سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى، «يۈزلەرچە بالا چۆلدە چىرىپ كەتمەكتە. ترامپنىڭ مەرھەمەتسىز سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىڭلار» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

1060412
نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى ترامپنىڭ كۆچمەن بالىلار سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز كۆچمەن بالىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسنى ترامپ رەھبەرلىكىنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ماقالىدە، «ھازىرغىچە بالىلىق يېشىدىكى 2 مىڭغا يېقىن قانۇنسىز كۆچمەن قاپ – قاراڭغۇ كېچىلەردە پاناھلىنىۋاتقان جايلىرىدىن ئېلىنىپ ئاپتوبۇسلار بىلەن تېكساس چۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تورنىللو شەھىرىدە بەرپا قىلىنغان چېدىر شەھەرگە ئەۋەتىلدى» دېگەن ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە قانۇنسىز كۆچمەن بالىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە، «ئەسلىدە يېقىنقى ئىككى يىلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەلگەن كۆچمەنلەر ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا كۆپ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ جەھەتتە ھەل قىلىنىدىغان نەرسە، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ رەھىمسىز سىياسەتلىرىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ماقالىدە، چېگرا رايونلىرىدا ئائىلىلىرىدىن ئايرىلغان بالىلارغا قارىماقچى بولغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ياكى تونۇشلىرىغا ئالاقىدار قانۇنلارنىڭمۇ چىڭىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، « ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان كىشىلەر بالىلاردىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، يالغۇز قالغان كۆچمەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى فېدېراتسىيەنىڭ نازارىتى ئاستىدا قىيىنچىلىققا مۇپتىلا قىلىندى» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

تېكساس ئىشتاتىدىكى بالا كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەركەزلەرنىڭ جىسمانىي ۋە جىنسىي سۇيىئىستېمال دېگەندەك مەسىلىلەردە بالىلارغا تېگىشلىك بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بېرەلمىگەنلىكى تەكىتلەنگەن ماقالىدە يەنە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىسى پەقەت سىياسىي كېلىشىم ۋە رەسمىي سىياسەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك شەكىلدە قايتىدىن بېكىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. لېكىن، تۇرمۇشلىرى ئاللىقاچان ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كېتىپ بولغان بالىلارنى تېخىمۇ ئېغىر پاتقاققا ئىتتىرىش ۋە قەرەلسىز تۇتۇپ تۇرۇش بۇ دۆلەتنىڭ قارا تەنلىك ئەۋلادلىرىغا قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ نومۇس تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇ بالىلار بىزنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھاياتلىرىنى قۇربان قىلىدۇ.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر