ئىران شىرىك دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگولارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراكچى شىرىك دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

1056935
ئىران شىرىك دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگولارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراكچى يادرو كېلىشىمىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى يىغىنى توغرىسىدا سۆز قىلغان ئاراكچى: ياۋروپالىقلار ئامېرىكانىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىغان ئاساستا ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ  ئېمبارگولارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش نىيىتى يوق، دېدى.

مەھر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاراكچىنىڭ بۇ يىل نويابىر ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغان ئېمبارگو پىلانىدىن ئىلگىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چارە تېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بۇ يىل 7-ئاۋغۇستتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تۇنجى باسقۇچلۇق ئېمبارگولار ئارقىلىق ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئالتۇن ۋە قىممەتلىك كان بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇشىنى چەكلىگەن بولسا، يەنە بۇ دۆلەتنىڭ پولات-تۆمۈر، ئالىيۇمىن سودىسى بىلەن ئاپتوموبىل ۋە ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە ساھەلىرىگىمۇ ئېمبارگو قويۇشقا تەييارلانماقتا.

ئىراندا تاشقى پېرېۋوت قىممىتى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتكەندىن سىرت ئاشلىق، ئاپتوموبىل ۋە ئايروپىلان بېلەت باھالىرىمۇ ئۆسۈپ كەتتى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى بۇ يىل 5-نويابىردا ئىرانغا ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېمبارگو يولغا قويغان تەقدىردە، ئىران نېفىتىنى ئېكسپورت قىلالمايدۇ.

ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى نېفىتقا تايىنىدىغان ئىراننىڭ سىرتقا نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر