ئافغانىستاندا بىر ئاي ئىچىدىلا نۇرغۇن خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى تارىق شاھ باھرامى بىر ئاي ئىچىدە 513 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1055168
ئافغانىستاندا بىر ئاي ئىچىدىلا نۇرغۇن خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا بىر ئاي ئىچىدە 513 خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرى تارىق شاھ باھرامى پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، بىر ئاي ئىچىدە 513 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلۈپ، 700دىن ئارتۇق خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر ئاي ئىچىدە يەنە 43 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ تېررورچىلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  باھرامى، مۇشۇ مەزگىل ئىچىدىمۇ نۇرغۇن تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇداپىئە مىنىستىرى باھرامى تېررورچىلارنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر