كونگو ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئەسكەرلىرى بىلەن ئوگاندانلىق بۆلگۈنچىلەردىن تەشكىل تاپقان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 14 پۇقرا ۋە ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

1055466
كونگو ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ بېنى شەھىرىدە كونگولۇق ئەسكەرلەر بىلەن ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەرگە قاراشلىق قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 14 پۇقرا بىلەن كوڭگولۇق 4 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.

بېنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى نيونيى ماسۇمبۇكو بۋاناكاۋا مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، توقۇنۇشلارنىڭ شەھەرگە 1 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كاسانگا ھەربىي گازارمىسىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، گازارمىغا يېقىن جايدىكى ئاھالىنىڭ خەۋپكە يولۇقۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بىخەتەر جايلارغا كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1990 – يىللاردا قۇرۇلغان ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەر، كونگو، ئۇگاندا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىلىدۇ.

ئىنسانپەۋەر ياردەم ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇگاندادا 1986 – يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان يوۋېرى مۇسېۋېنى ھۆكۈمىتىگە قارشى قۇرۇلغان ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەر يۈزىسىدىن مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر