ئاھۋازدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 25 كە يەتتى

ئىراننىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 25 گە يەتتى.

1054856
ئاھۋازدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 25 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 38 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراننىڭ ئاھۋاز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 25 كە يەتكەنلىكى، يارىلانغانلار سانىنىڭ 60 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلگەنلەرنىڭ بىرى پولكوۋنىك، بىر يۈزى بېشى بولۇپ 17 سىنىڭ ئەسكەر، قالغانلىرىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەسرى جۇنۇب ژۇرنىلىنىڭ يۇنۇس پۇرخۇلۇ ئىسىملىك بىر مۇخبىرىنىڭمۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى باياناتچىسى رامازان شەرىف، ھۇجۇمنىڭ ئەلئاھۋازىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەلئاھۋازىيە دېگەن ناملىق بىلەن تونۇلغان «ئاھۋاز خەلق دېموكراتىك فىرونتى»، ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدا مۇستەقىل ئەرەب دۆلىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچى، بىر تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تېررورچىلارنىڭ رايوندىكى ھىمايىچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى مايور گېنېرال ئەبۇلفازىل شىكارچىمۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاھۋازدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «بۇ ھەرىكەتلەر جاۋابسىز قالمايدۇ» دېدى.

شىكارچى، 4 ھۇجۇمچىنىڭ قوراللىرىنى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بەسرە قولتۇقىدىكى دۆلەتلەردىن ئېلىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن جايغا يوشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، 4 ھۇجۇمنىڭ ئۈچىنىڭ نەق مەيداندا، بىرىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىران پارلامېنتى دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى باياناتچىسى ئەلى نەجەفى بولسا، ئاھۋازدىكى ھۇجۇمنىڭ بۈگۈن چاقىرىلىدىغان پارلامېنت يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر