ئامېرىكا ئىراننى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېيلى ئىراننىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئىراقتىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1054265
ئامېرىكا ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان «پەلەستىن» تېمىلىق ئوتتۇرا شەرق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىشنى رەت قىلىپ، داۋاملىق ئىراننى ئەيىبلىدى، ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ناھايىتى كۆپ تەنقىد قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا شەرق رايونىدا توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىققا يول ئېچىۋاتقان بىر دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئىسرائىلىيە ئەمەس، ئىران. ئىراننىڭ ئىراقتىكى نىشانى، بۇ يەردە تېھراندىن ئاقدېڭىزغا كېلىدىغان قورال – ياراغلار ۋە ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئۆزى كونتىرول قىلالايدىغان بىر مەركەز قۇرۇشتىن ئىبارەت.  ئىران يېقىنقى ئايلاردا ئىراقتىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىراننىڭ ئىراقتىكى قوللىغۇچىلىرى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، تېھراندىن كەلگەن قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ قوللىغۇچىلارغا يېقىنقى كۈنلەردە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن.»

ئىراننىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمدا 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان ھېيلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ  تېھراننىڭ ئىراق زېمىغا مۇداخىلە قىلىشىغا دىققەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ ئىراقنى ئۆزىگە بېقىندى ھالغا كەلتۈرۈش ۋە كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىران كۈچى ئاجىزلىغان بىر ئىراقتىن پايدىلىنىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر