ئامېرىكا رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر ئەمەلدار رۇسىيەنىڭ قوراللىنىشنى ئازايتىش خىزمەتلىرىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1052342
ئامېرىكا رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىترلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش مەسلىھەتچىسى دېيۋىد تىراچتېنبېرگ، رۇسىيەنىڭ «قوراللىنىشنى ئازايتىش كېلىشىمى»دىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تىراچتېنبېرگ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرې تومسون بىلەن ئالىي پالاتا تاشقى ئالاقە كومىتېتىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ قوراللىنىشىنى ئازايتىش يولدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

رۇسىيەنىڭ قوراللىنىشنى ئازايتىش خىزمەتلىرىگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇئاۋىن باش مەسلىھەتچىسى دېيۋىد تىراچتېنبېرگ: رۇسىيە كېلىشىمنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. قىسقىسى رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان بارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا، دېدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوراللىنىشنى كونترول ئاستىغا ئېلىشتا قىيىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان دېيۋىد تىراچتېنبېرگ، كەلگۈسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا توغرا كەلسە چوقۇم باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دېيۋىد تىراچتېنبېرگ: رۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سەل قاراش ۋە رۇسىيەنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساب سورىماسلىق ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا  2011-يىلى ھاسىل قىلىنغان يېڭى ئىستىراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقىتىنىڭ 2021-يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن مۇئاۋىن باش مەسلىھەتچىسى دېيۋىد تىراچتېنبېرگ مۇنداق دېدى: «كېلىشىمنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن رۇسىيە قوراللىنىشنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ھەممىدىن مۇھىمى بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى بولمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.»

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تومسون مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ۋاقىتىنى ئۇزارتىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر