خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ خىتاي تاۋارلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1052174
خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا تاۋارلىرىغا %10قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلدى.

خىتاي دۆلەت كېڭىشىگە قاراشلىق تاموژنا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 5207 خىل تاۋارغا %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنىڭ 24-سېنتەبىردە رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي تاۋارلىرىغا %10قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلغان كۈنگە ئۇدۇللاپ مۇشۇنداق قارارنى چىقىرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ ھەقتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ئامېرىكانىڭ ئۆز ئالدىغا مۇشۇنداق قارار چىقىرىپ سودا ساھەسىدە بېكىنمىچىلىك قىلىشىنى ھەرگىز توغرا تاپمايمىز»دەپ بايانات بەرگەن بولسا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىمۇ «قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىمىز بىلەن خەلقئارا سودا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىغا تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇرىمىز»دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى.

دونالد ترامپ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا تەخمىنەن 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي تاۋارلىرىغا%10  قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش بەلگىلىمىسىنىڭ 24-سېنتەبىردە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى،  2019-يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ  بولسا قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ %25 ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 23-مارتتا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى  قويۇشنى قارار قىلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان تۇنجى ھادىسە ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش بەلگىلىمىسىگە قارىتا، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 128 خىل تاۋاردىن %15تىن %25كىچە قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويدى.

ئامېرىكا ئارقىدىنلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىلىرى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلىرىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي تاۋارلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قارارىغا دەرھال  جاۋاب قايتۇردى ۋە  خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 659 خىل تاۋارغا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 18-ئىيۇندا بايانات بېرىپ، ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىمىسىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن تەقدىردە، 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي تاۋارلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق تاۋارنىڭ قىممىتى 505 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەن بولسا، بۇ يىل ئىچىدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 250 مىليارد دوللار بولغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر