دۇتېرتې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئەيىبلىدى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، دۆلىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1046019
دۇتېرتې ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا خەۋەرلەر قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رودرىگو دۇتېرتې، مۇخبىرلارنىڭ فىلىپپىندا يېقىنقى 9 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان پۇل پاخاللىقىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئاۋغۇست ئېيىدا كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرلىرىدىن ھالقىپ %6.4 گە يەتكەن پۇل پاخاللىقىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ ئىمپورتقا قويغان باجلىرىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «بۇنى كىم باشلىدى؟ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نىسبەتلەرنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋىدى، باشقىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭكىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بولغان ئىش بۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان بىر ئىشىمىز يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر