ئەردوغان ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى.

1045649
ئەردوغان ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى.

ھامانېينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشىانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامانېي ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئورتاق نۇقتىلاردا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ رايوندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە بىلەن ئىران ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق نىشانلارغا ئىگە. شۇ ۋەجىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىرما مەسىلىسى توغرۇلۇق تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. دەرۋەقە، پەلەستىن مەسىلىسى ھەمىشە مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ھەقتە قىلچە غەپلەتتە قېلىشقا بولمايدۇ.»

ئىسلام ئەللىرىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە زىچ ھەمكارلىشىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان ھامانېي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ئىسلام ئەللىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ھەمكارلىقى رايوندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى جاھانگىرلار ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىن، يېقىنلىشىشىدىن ۋە ئىسلامىي بىر كۈچنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قاتتىق قورقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر