پۇتىن ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى.

1045763
پۇتىن ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ھامانېي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۇتىن تۈنۈگۈن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن،  ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي بىلەن كۆرۈشكەن. ھامانېينىڭ قارارگاھىدىكى ئۇچرىشىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن بىرلىكتە، تېھراندا چاقىرىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق  «تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى» غا قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر