ئىران ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1043042
ئىران ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قويۇشىنىڭ ئەكسىچە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بۇشەھر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەسلۇيە شەھىرىدە 3 نېفىت خىمىيە لايىھەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «دۈشمەنلەرنىڭ ئىرانغا يېڭى تۇزاقلارنى قويۇشقا تەييارلىۋاتقانلىقىنى»دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكسىچە نېفىت خىمىيە لايىھەلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىققانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى، ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ۋە پىسخىكىلىق ئۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىقتىسادنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈۋاتقان نېفىت، گاز ۋە نېفىت خىمىيە ساھەلىرى بار. دۈشمەن بىزگە ئېمبارگو قويماقچى بولغاندا بۇ ساھەلىرىمىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولار ئارقىلىق ئىراننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا كۆز تىكەنلىكىنى لېكىن ئېمبارگولارنىڭ ئىرانغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇھانى مۇنداق دېدى: «بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن ھەم نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ھەمدە ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر