ئىران تۈرك خەلقىنىڭ پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

ئىران پارلامېنتى مىللىي خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتى ئەزاسى ئالائۇددىن بۇرۇجەردى، تۈرك خەلقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا قارشى دۆلەتنىڭ يېنىدا تۇرۇش ئارقىلىق مىللىي غۇرۇرىنى قوغدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1042898
ئىران تۈرك خەلقىنىڭ پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالائۇددىن بۇرۇجەردى، ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسناغا بايانات بېرىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىملىرىغا قارشى مىللىي پۇلىغا ئىگە چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تۈرك خەلقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا قارشى نامايان قىلغان پوزىتسىيەسىنى ئۈلگە قىلىپ، «تۈركىيەدە لىرانىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشى بىلەن تەڭ دوللارغا ئوت قويۇلدى. بۇ سىمۋوللۇق پوزىتسىيە خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنىڭ ۋە مىللىي غۇرۇرىنى قوغدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئالائۇددىن بۇرۇجەردى، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان دوللار كىرىزىسىدە بولسا، مىللىي پۇلىغا ئىگە چىققان تۈرك خەلقىدەك روھنىڭ نامايان قىلىنمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر