ئەسەد ھاكىمىيىتى قاماقتا «ئۆلۈپ كەتكەن» سۈرىيەلىكلەرنى مەلۇم قىلىشنى باشلىدى

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان يۈز مىڭلارچە كىشىدىن 836 سىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنىڭ مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

1038476
ئەسەد ھاكىمىيىتى قاماقتا «ئۆلۈپ كەتكەن» سۈرىيەلىكلەرنى مەلۇم قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011- يىلى مارتتا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا، ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىنالمىغان يۈز مىڭلارچە كىشىدىن 836 سىنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا نوپۇس باشقارمىلىرىغا مەلۇمات يوللاشقا باشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ھاكىمىيەتنىڭ ماي ئېيىدىن تارتىپ تارقىتىشقا باشلىغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرلىرىدا، ئۆلۈم سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات يوقلۇقى ۋە جەسەتلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆلگەنلەردىن 285 ىنىڭ پايتەخت دەمەشىق ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردىن، 146 سىنىڭ ھۇمۇس، 141 ىنىڭ ھاسەكە، 117 سىنىڭ ھاما، 78 ىنىڭ دەرئا، 29 ىنىڭ ئىدلىب، 23 ىنىڭ لازىقىييە، 8 ىنىڭ ھەلەب، 6 سىنىڭ دەيرۇززۇر ۋە 3 ىنىڭ سۇۋەيدالىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قىيىن – قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسمىنىڭ بولسا ئېتىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتتا، سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى باشلىقى فادىل ئابدۇلغېنىنىڭ «ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى بايان قىلىشقا ئېھتىياج ھېس قىلماسلىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار؛ بىرىنچىسى، ھاكىمىيەتنىڭ كاپالەتچىسى رۇسىيەنىڭ بېسىمى، ئىككىنچىسى بولسا، ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقىنى نامايان قىلىشى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى يېپىۋېتىپ، خەلقنى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىشىدۇر» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىندى.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت تۈرمىلەردە كەم دېگەندە 500 مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر