ھىندىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 324كە يەتتى

ھىندىستاننىڭ كەرالا ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتىدە مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.

1034769
ھىندىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 324كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ كەرالا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 324كە يەتتى.

تۈنۈگۈن يامغۇرنىڭ پەسىيىشىدىن كېيىن تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى.

تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە تىكئۇچارلارمۇ قاتناشتۇرۇلدى.

ھىندىستاننىڭ 7 ئۆلكىسىدە شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى سەۋەبلىك ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

رايوندا 220مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەلكۈندە كەرالا ئۆلكىسىگە قاراشلىق 14  رايوننىڭ 12سىدە ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى.

كەلكۈندە مىڭلارچە ئۆي سۇ ئاستىدا قالغان بولسا 32500 گېگتارلىق تېرىلغۇ ئېتىز ۋەيران بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر