دائېش دېيرۇز زۇردىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دېيرۇز زۇر ۋىلايىتىدىكى بەششار ئەسەد قوراللىق قىسىملىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلماقتا.

1034435
دائېش دېيرۇز زۇردىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېيرۇز زۇردا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دائېش دېيرۇز زۇرنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن. 10-ئاۋغۇستتا تېخىمۇ شىددەتلەنگەن دائېش ھۇجۇملىرى، بولۇپمۇ كېچە ۋاقىتلىرىدا تەيىم نېفىت رايونى، مايادىن چۆلى، كۇرىيە ۋە ئاششارا رايونلىرىدا قىلىنغان.

مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈن (16-ئاۋغۇست) دائېش مايادىن چۆلىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئالتە سائەت داۋاملاشقان ئېتىشىشلاردا، بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ 20 ئەسكىرى ئۆلگەن.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېتىشىشلاردا بولسا، بەششار ئەسەد قىسمىنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلگەن.

ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دېيرۇز زۇر ھازىر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك ۋە دائېش ئارىسىدا بۆلۈنگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

فىرات دەرياسىنىڭ غەربىنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونترول قىلدۇ. مول بايلىققا ئىگە شەرقىي قىسىمنى ي پ گ|پ ك ك ئىشغال قىلىپ تۇرماقتا. دائېش ئىراق چېگراسىغا يېقىن بىر يەردە ي پ گ|پ ك ك تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان كىچىك بىر جاينى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

دائېش دېيرۇز زۇردىكى بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن، يەنى ھۇمۇس چۆلىدە كونترول قىلۋاتقان جايدىن ھۇجۇم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر