ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: سۈرىيەگە ئالاقىدار ھەرقانداق سېنارىيەگە تەييارمىز

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار ھەرقانداق سېنارىيەگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1028013
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى: سۈرىيەگە ئالاقىدار ھەرقانداق سېنارىيەگە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان، ئىشغال ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ سۈرىيەدە «بۈيۈك» بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەشكىل قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارمىيەنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇڭا ھەر بىر ئۆزگىرىشنى كۆزىتىۋاتىمىز ۋە ھەر تۈرلۈك سېنارىيەگە تەييارمىز» دېدى.

زىيارەت جەريانىدا ئاۋىگدور لىبېرمانغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گادى ئېئىسېنكوتمۇ ھەمراھ بولدى.

سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكى 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر