ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگو يولغا قويۇلدى

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان ئېمبارگوسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى بۈگۈن (6-ئاۋغۇست) ئىجرا قىلىنىدۇ.

1026472
ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگو يولغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىران يادرو كېلىشىمى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئېمبارگولارنى بۈگۈندىن باشلاپ قايتا يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاسىيا زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېھران بىلەن ئۈستەلگە كېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تېھراننىڭ سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىران ھۆكۈمىتىنى «ناچار ئاكتىيورلار» دېگەن پومپېيو، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نىيىتىنىڭ ئىراننىڭ «نورمال دۆلەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاقساراينىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئىرانغا قارىتا يولغا قويىدىغان ئېمبارگولار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «ئامېرىكا بۇ ئېمبارگولارنى يولغا قويىدۇ، بۇلار ئىراننىڭ يامان نىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى» دېدى.

ئېمبارگو دائىرىسىدە، ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان نېفىت سودىسىغا زەربە بېرىشتىن باشقا، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى سودىسىغىمۇ چەكلىمە قويۇلىدۇ. ئىران بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئۈچىنچى دۆلەتلەرمۇ ئېمبارگونىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئامېركا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ماي ئېيى (2018) دا، 2015-يىلى 14-ئىيۇل ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىپ، 2016-يىلى 16-يانۋار يولغا قويۇلغان «كەڭ دائىرەلىك بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش پىلانى» (KOEP) دەپ ئاتالغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئىرانغا قارشى ئېمبارگولارنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ترامپنىڭ باياناتىدىن كېيىن دەرھاللا ئىرانغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان 1- ئېمبارگو پىلانىنىڭ 6-ئاۋغۇستتا، 2-ئېمبارگو پىلانىنىڭ 4-نويابىردا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر