ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تېھراننىڭ ۋاشىنگتونغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇررىزا راھمانى فازلى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ چىقىشىنىڭ ۋاشىنگتونغا ئىشەنمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1023683
ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تېھراننىڭ ۋاشىنگتونغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راھمانى فازلى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى شەرتسىز كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى؛ ئۇ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چىقىپ كەتكەن بىر دۆلەتكە قانداق ئىشەنگىلى بولىدۇ» دېدى.

راھمانى فازلى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ زىددىيەتلىك باياناتلارنى بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بىر تەرەپتىن يېڭى مەجبۇرىيەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىلىشى كېرەك دەۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئالدىنقى شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەققىدە گەپ قىلىشىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەنە، ئىران تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىستراتېگىيە كېڭىشى باشلىقى كەمال ھاررازىمۇ، ترامپنىڭ تەكلىپىگە تېھراننىڭ ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردىن ھاسىل قىلغان ئاچچىق تەجرىبىلىرىمىز ۋە ئامېرىكىلىق سىياسەتچىلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ترامپنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز تەبىئىيدۇر» دېدى.

ترامپنىڭ ئالدى بىلەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھاررازى، سۆھبەت مۇھىتىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ۋە ئالدىنقى پىرېزىدېنتلارنىڭ ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلىشى لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دونالد ترامپ، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىران خالىسا، چوقۇم كۆرۈشىمىز. باشقا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىشتە بىر مەسىلە يوق. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر بىلەن، بىرەر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىش، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، كۆرۈشىمەن. بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم» دېگەن ۋە رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر