شىۋېتسىيە پادىشاھى ۋە مەلىكىسىنىڭ تاجى ئوغرىلىنىپ كەتتى

چىركاۋدا ساقلىنىۋاتقان ئىككى تاج بىلەن دۆلەت شارىنىڭ كىملىكى نامەلۇم ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1024090
شىۋېتسىيە پادىشاھى ۋە مەلىكىسىنىڭ تاجى ئوغرىلىنىپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ 17ئەسىردىكى 9 - پادىشاھى ۋە خانىشىغا ئائىت بىباھا ئىككى پادىشاھلىق تاجى ۋە دۆلەت شارى ئوغرىلىنىپ كەتتى.

ئوستېرگوتلاند ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى توماس ئاگنېۋىك پايتەخت ستوكھولىمدىن 100 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى كۆل بويىغا جايلاشقان سىترانگاس چىركاۋىدا ساقلىنىۋاتقان 9پادىشاھ ۋە مەلىكىسى كىرىستىنانىڭ تاجى بىلەن دۆلەت شارىنىڭ ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىباھا يارىدارلىقلارنىڭ 1611يىلىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە زىيارەت سائەتلىرى ئەسناسىدا چىركاۋدىن ئوغرىلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى، ئوغرىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن تېز سۈرئەتلىك كاتېر بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئوغرىلارنى تۇتۇش خىزمەتلىرى ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇغلۇقتىن داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر