ئىران ترامپنىڭ ئۇچرىشىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى

ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ۋاشىنگتوننىڭ «يادرو كېلىشىمىگە قايتىشى» نى شەرت قىلدى.

1022936
ئىران ترامپنىڭ ئۇچرىشىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئالدىنقى شەرت قويماستىن ئىران بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكى» توغرىسىدىكى باياناتىغا، بىرىنچى بولۇپ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھامىد ئەبۇتۇرابى ئىنكاس قايتۇردى.

ئەبۇ تۇرابى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىران مىللىتىگە ھۆرمەت قىلىش، دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئازايتىلىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىشى كۆرۈشۈش زېمىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە سۆز قىلىپ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىران خالىسا، چوقۇم كۆرۈشىمىز. باشقا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىشتە بىر مەسىلە يوق. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر بىلەن، بىرەر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىش، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، كۆرۈشىمەن. بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق. شىمالىي كورېيە لىدىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم» دېگەن ۋە رۇھانى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، ماي ئېيىدا 2015 – يىلى 14 – ئىيۇلدا ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ئىمزالىنىپ، 2016 – يىلى 16 – يانۋاردا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان «كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» ناملىق «يادرو كېلىشىمى» دىن چېكىنگەنلىكىنى ۋە ئىرانغا ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ترامپ دائىرىلىرى، ئىتتىپاقداشلىرىنى نويابىر ئېيىغىچە ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە قىستىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر