ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى كېلەر يىلغا قالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى كېلەر يىلغا قالدى.

1020110
ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى كېلەر يىلغا قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا،  دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن 2019 – يىلدىن بۇرۇن كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى، ئۇچرىشىشنىڭ رۇسىيەگە قارىتا تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى رۇسىيەگە قارىتا تەكشۈرۈش ئىشلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى لازىم دەپ قارايمىز. دەرۋەقە، بىزمۇ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ كېلەر  يىلى ئىلىپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 16 – ئىيۇل كۈنى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن،  پۇتىننى كۈزدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەكلىپ قىلىشى ئۈچۈن مەسلىھەتچىسى بولتونغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بولۇپمۇ دېموكراتلار ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر