گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنا ئەتراپلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 81 گە يەتتى.

1019313
گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتىنانىڭ تەخمىنەن 20 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان پېنتېلى ۋە رافىنا رايونلىرىدا باشلانغان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورمانلىقتىن ئاھالىلەر رايونلىرىغىچە كېڭىيىپ كەتكەن ئوت ئاپىتى گىرېتسىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پالاكەتلەردىن بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

گىرېتسىيە ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 76 گە يەتكەن، 23 ى بالا، 11 ى ئېغىر بولۇپ، 187 كىشى يارىلانغان. رايوندا  ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

گىرېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغان بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكىنلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمىتى باشلانغان.

پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پولشالىق 2 ساياھەتچىنىڭ گىرېتسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر