ئىران ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيونىڭ ئىران توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1017742
ئىران ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيونىڭ ئىران توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىنىڭ «يۈزسىزلىك ۋە ئەخمىقانە»ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «پومپيو بىز توغرىسىدا ئەخمەقلارچە ۋە يۈزسىزلىك بىلەن سۆز قىلدى، ئىران خەلقى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بارلىق ھىلە-نەيرەڭلەرنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.»

پومپيونىڭ باياناتلىرىنىڭ «ئىراننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش»بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان قاسىمى: خەلقئارا كېلىشىملەرگە زىت بولغان بۇ سۆزلەر ئامېرىكىنىڭ رايوننى تېخىمۇ مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن سادىر قىلغان قىلمىشلىرىدىن بىرى، خالاس، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر