ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي ھەسەن رۇھانىنىڭ ئامېرىكا قارارىنى قوللايدۇ

ئىران دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ئامېرىكا سەۋەبىدىن چىقارغان ھۇرمۇز قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1016886
ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي ھەسەن رۇھانىنىڭ ئامېرىكا قارارىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ئامېرىكا ئىران نېفىتىنىڭ ئېكسپورتىغا توسالغۇ بولغان ئەھۋالدا ھۇرمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىۋېتىلدىغانلىقىنى قارار قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران دىنى رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھامانېينىڭ پايتەخت تېھراندىكى قونالغۇسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى،  ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ھۇرمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىۋېتىدىغانلىقىنى قارار قىلىشى ئۈستىدە توختالغان ھامانېي: پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان تەقرىدە ھۇرمۇز بوغۇزى تاقىۋېتىلىدۇ، دېگەن سۆزى ئىران سىياسىتىنىڭ روھىغا ماس كېلىدۇ، دېدى.

ھامانېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىران نېفىتىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل كۆزىتىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.  

ئىران دىنى رەھبىرى ھامانېي يەنە ئىراننىڭ  ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران پىرېزىدېنتى  ھەسەن رۇھانى سەيشەنبە كۈنى شىۋېتسارىيەدىكى ئىرانلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندە: ئامېرىكا ئىرانغا بىر تامچىمۇ نېفىت ئېكسپورت قىلدۇرمايمىز دەپتۇمىش، بۇ رايون نېفىتىنى ئېكسپورت قىلدۇرمايمىز دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكا بۇنداق قىلسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، دېگەنىدى.

ھەسەن رۇھانىنىڭ بۇ سۆزى بەسرە بىلەن ئۇممان قولتۇقلىرى ئارىسىغا جايلاشقان ۋە نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ھۇرمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ قارالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر