ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك بالىلارنى جاسۇسلۇققا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيەدە ساقچىلارنىڭ كىچىك بالىلارنى جىنايەت شايكىلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەردە جاسۇسلۇققا سالغانلىقى ئېنىقلاندى.

1016397
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك بالىلارنى جاسۇسلۇققا سالغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۈستۈن قانىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلات، ساقچىلارنىڭ كىچىك بالىلانى جىنايەت شايكىلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەردە جاسۇسلۇققا سالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەخپىي ئىنسان ئىستىخباراتى مەنبەسى «CHIS» دەپ ئاتىلىدىغان ئورگاننىڭ 16 ياشتىن كىچىك ئۆسمۈرلەرنى جاسۇسلۇققا سېلىش مۇددىتىنى ئەسلىدىكى 1 ئايدىن 4 ئايغا چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن بۇ ئەھۋاللار ئاشكارلىنىپ قالدى.

دوكلاتنى تەييارلىغان قانۇن چىقىرىش ۋە تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلىقى لود داۋىد ترېفگام ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەخپىي ئىنسان ئىستىخباراتى مەنبەسى «CHIS»نىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، «بىر ئۆسمۈرنى ئۇزۇن مۇددەتكىچە مەخپىي ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىشنىڭ ئەقلىي ۋە پىزېكلىق سالامەتلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

دوكلاتتا، ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ قانچە قېتىملىق مەخپىي ھەرىكەتتە قانچە كىچىك بالىنى جاسۇسلۇققا سالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.  

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ئۇنداق ئىشلىتىلگەنلەر سانىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، كىچىك بالىلارنىڭ بولۇپمۇ جىنايەت شايكىلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەردە تەڭداشسىز مەلۇمات ئىگىلەش ۋاستىسى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ئۆسمۈرلەرنىڭ تېررورلۇق، جىنايەت شايكىلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ۋە جىنسى جىنايەتلەردە، ھەم قۇربان، ھەم جىنايەتچى سۈپىتىدە ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى نەزرەدە تۇتقىنىمىزدا، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەخپىي ئىنسان ئىستىخباراتى مەنبەسى "CHIS" بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاستىلەرنىڭمۇ دائىرىسى كېڭەيمەكتە» دېيىلدى.

ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆز قاراشلىرى ئېلان قىلىنغان مۇتەخەسسىلەر، ساقچىلارنىڭ جىنايەت شايكىلىرىغا ئەزا ئۆسمۈرلەرنى تۇتقاندىن كېيىن، يەنە شۇ شايكىلارغا جاسۇسلۇققا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋاللارنى سېزىپ قالغان شايكا باشلىقلىرىنىڭ جاسۇس ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ بەك زورۋانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىخەتەرلىك قانۇنلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكلاتلىرى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى «Rights Watch» تەرىپىدىن ئېلان قىلنغان باياناتتىمۇ بۇ خىل ھەرىكەت تەنقىد قىلىندى ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئەڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلاردا پىشكە ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

باياناتتا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىچىك بالىلارنى چاسۇسلۇققا سېلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقى، دۆلەتنىڭ كىچىك بالىلارنى جىنايەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭقۇر جىايەتلەرگە پاتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر