ئامېرىكا دائېش ئەزالىرى ئۈچۈن مەخسۇس تۈرمە ياساتتى

ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چەت ئەللىك ئەزالىرى ئۈچۈن مەخسۇس تۈرمە ياساتتى.

1015472
ئامېرىكا دائېش ئەزالىرى ئۈچۈن مەخسۇس تۈرمە ياساتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونا بىر مەكتەپنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش چەت ئەللىك كاتىۋاشلىرىنى سولايدىغان ئالاھىدە تۈرمىگە ئايلاندۈردى.

ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان جايلاردا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان بارلىق تېررورچىلار راققەنىڭ شىمالىدىكى ئاين ئىسا رايونىدا ياسالغان چوڭ تۈرمىگە قامىلىدىغان بولدى.

تۈرمە يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بولۇپ، 2 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ.

يەر ئۈستى بۆلىمىدە، خادىملار ۋە تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرى ئۈچۈن ياسالغان تۇرمۇش ساھەسىدىن باشقا يەنە ئوخشاش بولمىغان مەقسەتتىكى ئىككى تۈرمەن بولىدۇ.  

ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتى كېڭەيتىلىپ، سوئال سوراق ئۆيى ۋە تۈرمە سۈپتىدە ئىشلىتىشكە باشلاندى.

تۈرمە كۆزۈتۈش مانارى ۋە «T-Wall» دەپ ئاتىلىدىغان قىلىن تاملار ھەمدە بىخەتەرلىك كامېرالىرى بىلەن قوغدىلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر