ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىش تەكلىپى سۇندى

ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى نەفتالى بېننېت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ئۆسمۈرلەرگە بومبا ياغدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1014870
ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى پەلەستىنلىك ئۆسمۈرلەرنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىش تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كابېنتىدا غەززەگە قىلىنغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم مۇزاكىرە قىلنىۋاتقان جەرياندا، ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى نەفتالى بېننېت سۆز قىلىپ، «ھېچقانداق قانۇنىي توسالغۇ يوق. شۇنداق ئىكەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بومبا ئاتماي، ئەتراپىغا ئاتىسىلەر؟» دەپ سورىدى. 

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىستاب باشلىقى: «مەن ئۆسمۈرلەرنى ۋە ياشلارنى ئوققا تۇتۇشنى توغرا دەپ قارىمايمەن، بەزىدە كىچىك بالىلار بىلەن ياشلار شار ۋە لەگلەك ئۇچۇرىدۇ» دېدى.

 ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىستاب باشلىقى ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى نەفتالى بېننېتتىن، «شار ۋە ئوت لەگلەك ياسىلىدىغان جايلارنى بومباردىمان قىلىشنى تەكلىپ قىلماقچىمۇ؟» دەپ سوئال سورىدى.

ئىسرائىلىيە مائارىپ مىنىستىرى نەفتالى بېننېت ئىلگىرىكى گىپىدە چىڭ تۇرۇپ: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇنداق قىلىشى لازىم» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىستاب باشلىقى: «سەن بىلەن بۇ مەسلىسىدە پىكىرىمىز ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بۇ دېگەنلىرىڭ خىزمەت ۋە ئەخلاق ئېڭىغا سىغمايدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر