دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سارىپۇل ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تالىباننىڭ لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 15 تالىباننى ئۆلتۈردى.
1014728
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارىپۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ ئامانى، دائېش ئەزالىرىنىڭ سارىپۇلنىڭ سەيياد ناھىيەسىدىكى تالىبان لاگېرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 15 تالىباننى ئۆلتۈرۈپ، 5 تالىباننى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.