ئىران ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

ئىران ئۆزگىمۇ توك يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى.

1014049
ئىران ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مەملىكەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد بەكىر نۇبەخت پايتەخت تېھراندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېگەن: «ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنى توختاتتۇق، چۈنكى بىز ئىشلەپچىقارغان توك ئېھتىياجىمىزنى ئاران قامداۋاتىدۇ.»

ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىزا ئەردەكانىيەنمۇ كېلىشىمدىكى «دۆلەت ئىچىدە ئېھتىياج ئاشقان ئەھۋالدا ئېكسپورت توختىتىلىدۇ»دېگەن مەزمۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىراققا توك ئېكسپورت قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردەكانىيە مۇنداق دېدى: «ھەر ئېنېرگىيە كېلىشىمىنىڭ دائىرىسى بار، ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ چىقىدۇ. قوشىنىمىز ئىراقنىڭ ياز ئايلىرىدا توكقا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجى چۈشىۋاتىدۇ، بۇ ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسمىنى بىز قامداپ كېلىۋاتقانىدۇق، بۇنىڭدىن بۇرۇن دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلغان ئىراق ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىزگىمۇ توك يەتمەيۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغانىدى.»

ئىران ئىراقنىڭ جۇغلىشىپ قالغان توك پۇلى قەرزلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ئىراققا قىلىۋاتقان توك ئېكسپورتنى 6-ئىيۇندا توختاتتى، 8-ئىيۇلدا بولسا ئىراقنىڭ بەسرە ۋە باشقا ۋىلايەتلىرىدە توك يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن نامايىشلار باش كۆتۈردى.


خەتكۈچ: #ئىران , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر