ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋاستىلىك ھالدا "دۈشمەن" بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشارە قىلدى.

1013153
ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بارىدىغان فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكى سەپىرىدىن بۇرۇن "CBS" تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: "بىزنىڭ نۇرغۇن دۈشمەنلىرىمىز بار، سودىدا بىزگە قىلغان نۇقتىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىزگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شۇنداق قىلىدۇ دەپ كۈتمەيمىز، بىراق ئۇلار دۈشمەن" دېدى.

ئۇ خىتاينى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن رۇسىيەنىمۇ "دۈشمەن" دەپ ئاتىدى ۋە: "بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ <ئەسكى> ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھېچنىمە دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ رىقابەتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ" دېدى.

ئۇ، "ياۋروپانى نېمە ئۈچۈن دۈشمەن تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قويغانلىقى" ھەققىدىكى سوئالغا: "ياۋروپانى باشقىلار بىلەن بىللە تىلغا ئالدىم. ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكادىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ناتو رامكىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىدى. ئۇ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوننى زىيارەت قىلدى. بۈگۈن (16-ئىيۇل) خېلسىنكىدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر