« 15-ئىيۇل ۋەقەسى دېموكراتىيە قىلىنغان زەربىدۇر»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ دېموكراتىيە قىلىنغان زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
![« 15-ئىيۇل ۋەقەسى دېموكراتىيە قىلىنغان زەربىدۇر»](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/734c/3a23/e8d1/5b0e39025fe43.jpg?time=1719336449)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ دېموكراتىيەگە قىلىنغان زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى يىل ئىلگىرى تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدا 250 تۈركىيە پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلىپ مىڭلارچە ئادەم يارىلاندى. ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى دېموكراتىك ئورگانلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناۋۇرت مۇنداق دېدى: «مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى ئەسلىدە دېموكراتىيەگە قىلىنغان زەربەدۇر، دېموكراتىيەنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلارنى قوغداش زۆرۈردۇر.»