«ترامپ ماڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى»

مېي ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

1012806
«ترامپ ماڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تېرېسا مېي پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئالاقىدار ئورگانلارغا بىۋاستە ئەرز قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

« BBC » تېلېۋزىيە  قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېي مۇنداق دېدى:« ترامپ ماڭا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇ ماڭا: ئەرز قىلىڭ، مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەڭلار، بىۋاستىلا ئەرز قىلىڭلار، دېدى.»

ترامپ لوندون زىيارىتى دائىرىسىدە مېي بىلەن كۆرۈشكەندە تېرېسا مېيغا بىر نەرسىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى بىراق تېرېسا مېينىڭ بۇنى توغرا تاپماي رەت قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر