ترامپ لوندوندا نارازىلىق نامايىشى بىلەن قارشى ئېلىندى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا نارازىلىق نامايىشى بىلەن قارشى ئېلىندى.
1011826
![ترامپ لوندوندا نارازىلىق نامايىشى بىلەن قارشى ئېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6c1b/170f/a4e6/5b484f83314b2.jpg?time=1719039143)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئۇرۇشقا قارشى «ئۇرۇشنى توختىتىڭ بىرلەشمىسى» تەرىپىدىن پايتەخت لوندوندا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشتا، ئىشتىراكچىلار ترامپ ۋە رەپىقىسى چۈشكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوندون باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى، شوئارلارنى توۋلىدى ھەمدە ترامپنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ھەر خىل نۇقتىلاردا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.