رۇسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1010934
رۇسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى.

رۇسىيە دۆلەت پىرېزىدېنتلىق سارىيى كىرىمېل تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋىلادىمىر پۇتىن نېتانياھ بىلەن پايتەخت موسكۋادا كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادتىن باشقا ساھەلەردىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بولۇپمۇ سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتىدۇ، دېدى.

نېتانياھۇ ھەر قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتى ۋە  پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ رايون ۋە دۇنيادا ئىشەنچ ۋە خەۋپسىزلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇزى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان نېتانياھۇ، بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى سۈرىيەدىن ئىسرائىلىيەگە كىرگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نېتانياھۇ: ھەم ھاۋا ھەمدە قۇرۇقلۇق چېگرالىرىمىزغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت ياكى قىلمىشنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، دېدى.

پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشلەردە بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پۇتىنغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن نېتانياھۇ مۇنداق دېدى: « ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئامىلدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر