رۇسىيە دونالد ترامپنى ئەيىبلىدى

رۇسىيە كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا تەبىئىي گازىنى سېتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1011272
رۇسىيە دونالد ترامپنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىنى سېتىش ئۈچۈن ياۋروپاغا بېسىم  ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ « گېرمانىيە ئېنېرگىيە ساھەسىدە رۇسىيەنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدى » دېگەن سۆزىگە جاۋاب بەردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن پېسكوۋ: تەبىئىي گازدەك بىخەتەر ئېنېرگىيە مەنبەسى يوق، دېدى.

دونالد ترامپنىڭ «شىمالىي ئېقىم -2 لىنىيەسى بىلەن گېرمانىيە رۇسىيەگە ئېنېرگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە كېلىپ قالدى»دېگەن سۆزى ئۈستىدە توختالغان پېسكوۋ مۇنداق دېدى: «بۇ سۆزگە قوشۇلالمايمىز، چۈنكى بىر دۆلەت تۇرۇببا لىنىيەلىرى ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن يەنە بىر دۆلەتكە بېقىندى بولۇپ قالمايدۇ، بۇ ئۇسۇلدا ھەر ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە بېقىندى بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال ئەسلىدە دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھەر ئىككى شىمالىي ئېقىم تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەلىرى سودا خاراكتېرلىك لايىھەلەردۇر، بۇ لايىھەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار ئادىل بولمىغان رىقابەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىنى باشقا دۆلەتلەرگە سېتىش ئۈچۈن ياۋروپاغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ.»

پېسكوۋ ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 16-ئىيۇلدا خېلىنسىكىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى چېگىش بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. لېكىن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، دېدى.

ترامپ تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدىكى ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت كېلىشىملىرى تۈزۈشىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىش بولغانلىقىى بىلدۈرۈپ: گېرمانىيە رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئەسىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دېگەنىدى.

گېرمانىيە 2016-يىلى رۇسىيەدىن 50 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن توختام تۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر