ئىراندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئىراننىڭ سەنەندەج شەھىرىدە بىر نېفىت يۆتكەش ئاپتوموبىلى بىلەن بىر يولۇچىلار ئاپتوبوسى سوقۇلۇپ كېتىپ، كەم دېگەندە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1010050
ئىراندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنتىخاب خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېرىم كېچىدە مەيدانغا كەلگەن قازادا يارىلانغان ئاپتوبوس شوپۇرى چىياكو كەرىمى قازا توغرىسىدا توختىلىپ، قازانىڭ ئاپتوبوس يول بويىدا توختاپ تۇرۇۋاتقان ئەسنادا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئاپتوبۇستىكى 17 يولۇچىنىڭ 15 ىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سەنەندەج ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن يەردىكى دوكتور ھۇسەينى كوچىسىدا يولۇچى ئېلىش ئۈچۈن توختىغان ئاپتوبۇسقا نېفىت يۆتكەش ئاپتوموبىلىنىڭ سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك پارتلاشتا نېفىت ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

قازادا يارىلانغانلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

پارتلاشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئەتراپتىكى كۆپلىگەن ئاپتوموبىلغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر