بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى تىجارەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى غەززەگە قاراتقان تىجارەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

1010397
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى تىجارەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوۋ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر تىجارەت چېگرا ئېغىزى بولغان «كېرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى» نى تاقىۋېلىشىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

ئىسرائىلىيەنى بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان ملادېنوۋ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن دائىرىلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلار بىلەنمۇ سۈركىلىشنى ئازايتىش توغرۇلۇق داۋاملىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ قارارى ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ دۇنياغا ئېچىلىدىغان بىردىنبىر تىجارەت چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان كېرم ئەبۇ سالىمنى تاقىۋالغان، پەلەستىن تەرەپكە بىلدۈرۈلگەن ئۇقتۇرۇشتا، ئېكىسپورتنىڭ توختىتىلغانلىقى، بىراق يېقىلغۇ، يېمەك - ئىچمەك ۋە  تېببىي بۇيۇملار، جانلىق ھايۋانلار، يەم - خەشەك ۋە سامان قاتارلىقلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر