ئىران ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.

1008098
ئىران ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى، بىراق بۇنى مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئىران پىرېزىدېنتلىق رەسمىي تور بېتىدە، ھەسەن رۇھانىنىڭ پايتەخت تېھراندا پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى ۋە سوت مەھكىمىسى باشلىقى سادىق لارىجانى بىلەن كۆرۈشكەندە ياۋروپا زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئورتاقلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە يېڭى ئىش پۇرسىتى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەبلەغ بازىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

پىرېزىدېنت رۇھانى شىۋېتسارىيە ۋە ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلغانىدى.

ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان تېھران ھاكىمىيىتى، ئىراننىڭ دۆلەت مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان ئەھۋالدا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر