ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يارىدار قىلغان پەلەستىنلىك ياش شېھىت بولدى
پەلەستىندە ئالدىنقى ئاي غەززە چېگراسىدىكى نامايىشلار جەريانىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يارىدار قىلىنغان ياش شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، غەززەنىڭ شەرقىدە 14 – مايدا ئامېرىكىنىڭ قۇددۇسقا باش ئەلچىخانا ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، بېشىدىن يارىدار بولغان 16 ياشلىق مەھمۇد ماجىد غاربالىنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6 - دېكابىردا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدىغانلىقىنى ۋە تەلئەۋېۋدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يېڭى باش ئەلچىلىك بىناسى 14 – مايدا مۇراسىم بىلەن قۇددۇستا ئېچىلغان ئىدى.
پەلەستىن خەلقى 30 – مارت تۇپراق كۈنىدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا «چوڭ قايتىش يۈرىشى» ناملىق تىنچ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بولسا، سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ يۈرتلىرىغا قايتىشىنى ۋە 2006 – يىلىدىن بۇيان غەززەگە قارىتىلغان قانۇنسىز قورشاۋنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغۇچىلارنى راس ئوققا تۇتۇشتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.
غەززە چېگراسىدا 30 مارتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىنچ نامايىشلاردا ھازىرغا قەدەر 130 دىن كۆپرەك پەلەستىن پۇقراسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن شېھىت بولدى. 14 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىدار بولدى.